كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى «4‏-ئىيۇن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشكە يول قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.06.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بۇنىڭدىن 24 يىل ئاۋۋال 4‏-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېندىكى نامايىشچى خەلقنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدە، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، پۇقرالارنىڭ «4‏-ئىيۇن ۋەقەسى» نى خاتىرىلىشىگە يول قويۇشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ قانلىق باستۇرۇش يۈز بېرىپ 24 يىل كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ تيەنئەنمېندىكى نارازىلىقنى باستۇرۇپ خاتالاشقانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۆلگەنلەرنى يوشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى بارلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتمىغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى ۋە ھايات قالغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جازالاپ، يىغىلىش، ئىپادە ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئارمىيىسى 1989‏-يىلى 3‏-ئىيۇن كېچىسى تانكا ۋە برونېۋىكلار بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، مەيداندا چېدىر قۇرۇپ ياتقان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان.

شۇ كېچىسى قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغا قەدەر سىر بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، دوكتور سوفىيە رىچاردسون خانىم ئەسكەرتىپ: خىتاي رەھبەرلىرى ئىزچىل تيەنئەنمېننى تارىخ كىتابلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. يېڭى رەھبەرلەر باشقىچىرەك يول تۇتۇپ، ئۆزىنى بۇرۇنقى رەھبەرلەردىن ئايرىپ قارىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ 4‏-ئىيۇننى خاتىرجەم خاتىرىلىشىگە يول قويۇشتۇر، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت