دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» غايىبلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.04

2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5-يۇل ۋەقەسى» نىڭ سەككىز يىللىقى ھارپىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ھەمدە شۇ قېتىملىق ۋەقەدە غايىب بولغانلار ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىردى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ تاياق يەپ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن. ئەمما نامايىش ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ھەمدە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىپ 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان نەچچە يۈز كىشىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئەللىك نەچچە كىشىنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى دەلىللەنگەن. ئەمما، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ دېرىكى بولماي كەلمەكتە.

باياناتتا شۇ ئەھۋاللار ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شاھىتلارنىڭ بايانلىرى 43 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن غايىب بولغانلىقىنى دەلىللىسىمۇ، ھەقىقىي ساننىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن.»
شۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي قولغا ئالغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن نۇرغۇنىنىڭ، جۈملىدىن كامبودژا ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن قاچقۇنلارنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.