كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر 5 كىشىدىن بىرى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.25

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر 5 كىشىدىن بىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئامېرىكىدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى ۋە «باراۋەر ھوقۇق ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي مىقياسى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ 21 پىرسەنتى، سوتقا تارتىلغانلارنىڭ 13 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران بىر پۈتۈن ئوندا بەش‏ (1.5) پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ ئىنتايىن زور بىر رەقەم ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2016-2017-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەم تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەم سوتقا تارتىلغانلارنىڭ سانىدا تۇيۇقسىز ۋە غايەت زور ئۆرلەش كۆرۈلگەن. خىتايدا سوتقا تارتىلغانلارنىڭ 99 پىرسەنتىنىڭ ئاساسەن جازا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىلدى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. 

بۈگۈن، بۇ ھەقتە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دوكلاتتا ئورۇن ئالغان رەقەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ستاتېسكىلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ خۇلاسىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى فىرانچىس ئېۋ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان مۇشۇ رەقەملەرنىڭ ئۆزىلا خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ» دېگەن. 

يۇقىرىدىكى دوكلاتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-2017 يىللىرى ئارىسىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى ئالدىنقى 5 يىلدىكىگە قارىغاندا 306% ئۆرلىگەن. گەرچە بۇ تۇتقۇنلار بارلىق جىنايەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» گە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەقتە تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى مۇنازىرىلىرىدە يۇقىرىدىكى بۇ رەقەمنىڭ نۆۋەتتە «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا سوتلانماي تۇرۇپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ غايەت زور قىسمىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.