خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 5G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.04.09

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 5G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب-نازارەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-ئاپرېل كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ، 5G تور قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن ۋە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 5G تورى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركىتى بولغان «خۇاۋېي شىركىتى» 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ نازارەت مېخانىزىمىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدىكى «ئەقلىي شەھەر» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. يۇقىرىقى خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5G قۇرۇلۇشىنى ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف شىركىتى ئۈستىگە ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار 2019-يىلى 5G ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە سودا سىناق پونكىتىدىن 518 نى قۇرۇپ، 126 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە، 5G تور قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە كەسپى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ رايوندىكى مۇتلەق نازارەتنى ئاساس قىلغان «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق تەقىبلەشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.