بۈگۈن «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسى تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.08

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 8-مارت كۈنى «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالدى.

مەزكۇر ئورگان باياناتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىم ۋە چەكلىمە سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە «ئۇيغۇر بىز» تورىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان ئاتىكەم روزى، «بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنغان گۈلمىرە ئىمىن، غايىب ئوغلىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ تۈرمىگە سولانغان پاتىگۈل غۇلام ۋە شۇنداقلا مىسىردا ئوقۇپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بۇزەينەپ قاتارلىقلارنىڭ دېلولىرىنى ساناپ ئۆتكەن. 

بۇندىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرە قېييۇملارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋە باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر قىسماققا ئېلىنغانلىقى شەرھلەنگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكلەردىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «مىللىي كەمسىتىش، دىنى بېسىم، پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنىڭمۇ بىۋاسىتە قۇربانلىرى» بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان ئالاقىدار خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، بۇ سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.