قىرغىزىستان 98 ئۇيغۇر قوللانغان ساختا پاسپورتنىڭ تەقلىدىي پاسپورت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2016.05.23
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك نوپۇس ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇل ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ قويۇۋېتىلگەن 98 ئۇيغۇرنىڭ قولىدىكى ساختا پاسپورتنىڭ تەقلىدىي پاسپورت ئىكەنلىكىنى، يەنى پاسپورتتىكى كىشىلەرنىڭ قىرغىزىستاندا مەۋجۇت نوپۇسلۇق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى پاسپورتىنى ھېلىھەم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرىكى تولۇقسىز خەۋەرلەردە مەزكۇر 98 ئۇيغۇرنىڭ ساختا پاسپورتىدا قىرغىزچە ئىسىم بارلىقى، ئەمما پاسپورتتىكى رەسىم ئۆزلىرىنىڭ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەتكەسچىلەر قىرغىزىستان ۋەتەنداشلىرىنىڭ مەۋجۇت پاسپورتلىرىغا تەقلىد قىلىپ ساختا پاسپورت ياسىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چاپلىغان.
يەنە غەيرىي رەسمىي خەۋەرلەردە بۇ خىل يول بىلەن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار ھەج قىلىپ كەلگەنلىكى، تۈرك چېگرا خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەھۋالغا كۆز يۇمغانلىقى، ئەمما بۇ قېتىم ھەج ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ كەتكەچكە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.









