ب د ت: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى 10‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، ب د ت نىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر. ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنى 6‏-ئاۋغۇست باشلانغان. 3 ھەپتىلىك بۇ يىغىندا خىتاي، كۇبا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئەھۋالى كۆرۈپ چىقىلىدۇ. جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئەھۋالى مۇزاكىرىگە قويۇلغان. يىغىدىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىغا دوكلات يوللاپ، خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گاي مەكدوگال سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى بىر مىليوندىن باشقا يەنە 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا» ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. گاي مەكدوگال، كومىتېت ئەزالىرى خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەخپىي لاگېرغا ئايلاندۇرغانلىقى» غا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن. لېكىن رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، جۈمە كۈنكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى گاي مەكدوگالنىڭ سۆزىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. مەكدوگال يەنە خىتايدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبلىك «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مىسىر ۋە تۈركىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇندا ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە كومىتېت ئەزاسى فاتىما-بىنتا داھ، «بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ خالىغانچە ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى» نى تەكىتلەپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك دىنىي ئەركىنلىكى بار، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرۈشىگە قانداق قانۇنى كاپالەت بار» دېگەن سوئالنى قويغان. مەزكۇر يىغىن دۈشەنبە كۈنى يەنە داۋام قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت