خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار بار»


2020.01.08
chris-smith-marko-rubiyo-uyghur-mesilisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىت مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ تۋىتتېردىكى ئۇلانمىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2018-يىلى 8-يانۋار.
cecc.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 8- يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك پاكىتلار بار»، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلىدىغان بۇ يىللىق دوكلاتىدىن ئايرىم بىر سەھىپە سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا «كومىتېتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دەپ يېزىلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى، بۇ ئورۇنلاردا ھەقىقىي سان ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق تۇتقۇن بارلىقى بايان قىلىنغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر سىرتىدىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئورۋېلچە ساقچى سىستېمىسى ئارقىلىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتى مەزكۇر كومىتېت رەئىسى جەيمىس ماكگوۋرن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيولارنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

دوكلات ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 8- يانۋار كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قوللىرىدا لاگېرلارغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا بۇ ئاخبارات يىغىنىغا قاتنىشىپ دىققەت تارتتى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار تەپسىلىي خەۋەرلەر سەھىپىمىزدە داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.