رويتېرس ئاگېنتلىقى: «خىتاي ياۋروپا دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە دەۋەت قىلماقچى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.20

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يازما سوئالىغا جاۋابەن خىتاينىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابىدا «يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەننىڭ ئەلا ئىكەنلىكى، ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى» ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا تاپقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تەكلىپكە قارىتا تېخى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىغا نامسىز ئىپادە بىلدۈرگەن بىر دىپلومات خىتاينىڭ بۇ زىيارەتنى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىنىڭ ئالدىن تەييارلانغان سەھنە ۋە ئورۇنلارغىلا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ مۇستەقىل بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يەنە بىر دىپلومات، «ئەگەر بۇ زىيارەت رايوندىكى لاگېرلارنى قوللاشتەك بىر تەسىرات بېرىپ قويىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق بىر زىيارەتنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق،» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدىكى غەرب دىپلوماتلىرىدىن 10 نەچچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما خىتاي بۇ مەكتۇپقا جاۋاب قايتۇرمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.