ئىسپان قىزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەنلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىپ چىقىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ئىسپانىيەلىك مارتا خۇانولا ئۆزىنىڭ ساياھەت جەريانىدا قەشقەر قاتارلىق جايلاردا كۆرگەنلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلدى.

«بۈگۈنكى غەربىي ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى يازمىدا مارتا ئۆزىنىڭ مىليونلاپ ئادەمنىڭ لاگېرغا قامىلىشى، ساقال-بۇرۇت ۋە ياغلىق ئارتىشنىڭ مەنئى قىلىنىشى، «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپلەپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە قەشقەرگە بېرىپ بېقىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە قەشقەرگە چۈشۈپ ئۆتكەندە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاددىي ۋە قىزىقارلىق قىلىپ بايان قىلىدۇ.

مارتانىڭ تۇنجى كۈنىدە كۆرگىنى يېرىم كېچە بولغاندا تولۇق قوراللانغان تۆت خىتاي ئەسكىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇنى كارىدورغا ئېلىپ چىقىپ پاسپورت تەكشۈرۈشى بولغان. قەشقەردە تۇرغان ئۈچ كۈندە ساقچىلار ئۇ چۈشكەن مېھمانخانا زالىدا مارتانىڭ پاسپورتىنى تۆت قېتىم تەكشۈرگەن. ئۇ قەشقەردە كۆزىتىش كامېرالىرى، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە سوغۇق تەلەت ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىلا جاينى قاپلاپ كېتىشى دېگەنلەرنىڭ دائىملىق ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. تۈرمىلەرگە خاس تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىلارنىڭ ھەممىلا جايغا ئورنىتىلىشى، يەسلىلەردىكى تىكەنلىك سىم توسۇق ۋە قاسساپلارنىڭ پىچاقلىرىنىڭ زەنجىرلەپ قويۇلۇشى ئۇنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ مەنزىرىلەر ھەرقانداق ئادەمنى تېزلا بۇرۇقتۇم قىلىپ تاشلايدۇ» دەيدۇ.

ئۇ قەشقەردىكى ئېغىر سىياسىي بۇرۇختۇملۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي قايتىش ئالدىدا قەشقەرگە يەنە بىر قېتىم نەزەر سېلىپ «يىپەك يولىدىكى گۈللەنگەن پايتەختلەرنىڭ بىرى بولغان قەشقەر ئەسىرلەر بويى خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ قەدىمىي ماكان ئەسكەرگە ۋە كامېرالارغا تولغان بۇ مۇھىتقا ئەسىر بولغاندەك قىلىدۇ» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت