ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى 1-نويابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر قانال بۇ خەۋەرنى ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى ناملىق بىر تەتقىقات مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 28 لاگېرنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ ئىككى مىليون كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغان. پەقەت يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات مېتىر زورايغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى فېرگۇس راين ABC خەۋەر قانىلىغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىقى بۇ رەقەمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ «بۇنداق ئېغىر دەپسەندىچىلىك خىتايدا ‹تيەنئەنمېن ۋەقەسى› دىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى» دېگەن.

نۆۋەتتە خەلقئارا ئورگانلار ئىشەنچلىك پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنى مۇشۇنداق لاگېرغا سولىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. فېرگۇس راين خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە زور ساندىكى كىشىنى قانۇنسىز ھالدا قاماش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن زور بىر خەۋپنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ھەققىدىكى مەلۇماتلار مەخسۇس سىزىلغان خەرىتىلەر ئارقىلىق ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن يۇقىرىقى بۇ خەۋەر كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت