بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-01-26
Share

ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ۋە كۆپ قېتىملىق خىتاي بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم 21-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولغان.

بۇ يىل ئەمدىلا 37 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا مىللەت بىلەن بۇرچ، قۇربان بېرىش بىلەن مەسئۇلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان.

مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ 2000-يىلى سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە يازغان تۇنجى يازمىسى «سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى» ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قايتا قويۇلۇپ، مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئولتۇردى» ناملىق يازمىلار كەڭ تارقالغان. مەزكۇر يازمىلاردا ئۇيغۇر تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بىر ياش قەھرىماننىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بارغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇستەقىل ئانالىزچىلار بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبى بىلەن قوزغالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل كەسكىن مۇنازىرە كەيپىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت