ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەكشۈرۈلمەكتىكەن
2016.10.02
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىمنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 30 - سېنتەبىردە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئابدۇرازاق سايىم نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتىكەن.
ئابدۇرازاق سايىم 1957 - يىلى كەلپىندە تۇغۇلغان تۇغۇلغان بولۇپ، 2003 - يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نەشىرىياتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، نەشىرىيات باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. كېيىن ئۇ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە يۆتكىلىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيە پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى بولغان.
ئابدۇرازاق سايىم ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مائارىپ، نەشرىيات ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىندا «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق» جىنايىتى بىلەن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جازالانغان يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن بولسا، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى كۈرەشتە مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان دېگەن قالپاق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى. ئابدۇرازاق سايىمنىڭ قايسى جەھەتتىن «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» ۋە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا.









