ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.08

ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار مۇزىكا ۋە ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىلىنى يايرىتىپ كەلگەن ئاتاقلىق سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاق ئاستىدا جان ئۈزگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ خەۋەر 8‏-فېۋرال كۈنى تۈركىيەدىكى بىر ئۇچۇر مەنبەسى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تۈركىيەلىك سەنئەتچى، تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ت ر ت نىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر بۇرۇنمۇ تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم تارقالغان خەۋەرنىڭ راستلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاقسۈنگۈر 8‏-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بىراق بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىگە، ئىنتايىن ساغلام مەنبەلەردىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ جان ئۈزگەنلىكى راست بولسا، بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولىدۇ» دېدى. بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن ئىشەنچىلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر تېخى خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم ھېيت 2017‏-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە «ئاتىلار»، «ئۇچراشقاندا» قاتارلىق ناخشىلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئاقسۈنگۈر، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆتكەن يىلى دادىسىنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ بەك ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنى ھالسىز ئەھۋالدا كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «خەۋەر نىدا» تور بېتىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ «ئاتىلار» ناملىق ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى يازغان شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئابدۇللامۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.