ئابلىكىم ئىدرىس: «گېرمانىيە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.16

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس 15-فېۋرال «زىمىستان» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان گېرمانىيەگە تارىختىن قايتا ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىتاب قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ناتسىست گېرمانىيەسى تارىختا ئۆچمەس داغ ۋە ساقايماس جاراھەت قالدۇرغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق نۆۋەتتىكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىش خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلماقتا ئىكەن.

ئابلىكىم ئىدرىس ماقالىسىدە مۇنداق سوئال قويىدۇ: «خىتاي بىلەن سودىلىشىۋاتقان گېرمانىيە ˃ ئەمدى قايتا تەكرارلانمايدۇ˂ دېگەن جىنايەتنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالامدۇ؟ گېرمانىيە گىتلېرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بەرگەن چوڭ شىركەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان. ئەمما ئۇ نېمىشقا بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزىدۇ؟».

ماقالىدە كۆرستىلىشىچە، گىتلېر ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە كۆپلىگەن گېرمانىيە شىركەتلىرى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ قۇدرەت تېپىپ، ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا غايەت زور ياردەم بەرگەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ زاۋۇتلىرى يەھۇدىيلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. 75 يىلدىن كېيىن خىتايدا بۇ خىل زامانىۋى قۇللۇق قايتا پەيدا بولغان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ مېرسىدېس بېنز، BMW شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشتىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلار، سىگانلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كىشىلەر ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. گېرمانىيە ناتسىستلارنىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشى ۋە بۇ جەھەتتە ياۋروپاغا باش بولۇشى كېرەك. شۇندىلا «بۇ جىنايەت ئەمدى تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان ۋە غەربنىڭ قىممەت قارىشى قوغدىغان بولىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.