ئادرىيان زېنز: «ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمىدىكىلەردىن سىرت، بىر يېرىم مىليون مۇسۇلمان لاگېردا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.13

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتىدىكى يېتەكچى شەخسلەردىن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بۈگۈن جەنۋەدىكى ب د ت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمىدىكىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 1 مىليون 500 مىڭچە كىشىنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭلار نوپۇسىدىن (قورۇمىغا يەتكەن كىشىلەردىن) ھەر ئالتە كىشىدىن بىرىنىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئادرىيان زېنز، بۇ ساننى لاگېرلار ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە، خىتاي ھۆكۈمەت خىراجەتلىرىگە ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ لاگېردىكى تىقما-تىقمىچىلىق ھەققىدىكى ۋە غايىب بولغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دەسلەپكى تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇر رايونىدا 1 مىليون كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئادرىيان زېنز مەزكۇر لاگېرلاردا سىستېمىلىق ھالدا ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان لاگېر گۇۋاھچىسى ئۆمەر بەكئەلى لاگېردا قىيىن-قىستاق بارلىقى، شى جىنپىڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىنىڭ مەجبۇرىي يادلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ 6 ئايغىچە كىچىك بىر ئۆيگە 40 كىشى بىلەن سولانغانلىقىنى پاش قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى كەللي كۇرري خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار بولغان كىشىلەرنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەش توغرىسىدا مۇمكىنچىلىكى بار بولغان بارلىق تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.