ئادۋوكات شۈ ۋېنسېڭ 10 - ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.07.31


31 - ئىيۇل جۈمە كۈنى بېيجىڭلىق ئادۋوكات شۈ ۋېنسېڭ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭىشى، دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى، يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا توردا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، 10 - ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

كىىشىلىك ھوقۇق تور بېكىتىنىڭ 31 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئادۋوكات شۈ ۋېنسېڭ ئوچۇق خېتىدە، خىتاي جامائەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ - كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ج خ مىنىستىرلىقى 9 - ئىيۇل كېچىدە باشلىغان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئادۋوكاتلارنى كەڭ - كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 10 - ئىيۇل ئەتىگەنگىچە 100دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلدى. 10 نەچچە كۈن ئىچىدىلا 240 تىن ئارتۇق ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىندى، 100 دىن ئارتۇق پۇقرا ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىندى. بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ئېنىقلانماي، ئۇلارنىڭ جىنايىتى سوتتا بېكىتىلمەي تۇرۇپ، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى قاتارلىقلار بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايى جاۋابكارلىقى»نى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. مەن ئۆز نامىمدىن بۇ خەتنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ 10 - ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، 7 - ئاينىڭ ئاخرىغىچە پۈتۈن خىتاي بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى 240 تىن ئاشقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ،خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ ئادۋوكاتلارنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.