خىتاي بەدەخشاندا ئافغانىستان ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-05
Share

خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش بولغان بەدەخشان ئۆلكىسىدە ئافغانىستان ئارمىيەسى ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە خادىملىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پۇل ۋە ماتېرىيال چىقىرىپ، بەدەخشاندا ئافغانىستان ئارمىيەسى ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بۇ خەۋەر ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بەھرامى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋاڭچۈەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى.

بەدەخشان ئۆلكىسى شىمالدا تاجىكىستان، جەنۇبتا پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان تار ۋە ئۇزۇن كارىدور، يەنى ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بەدەخشان ئۆلكىسى تالىبانلار دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئافغانىستاندا كونترولسىز قالغان رايونلارنىڭ بىرى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1990‏‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاندا بازا قۇرغان «ئۇيغۇر قوراللىقلىرى» بەدەخشانغا ئورۇنلىشىپ، ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما تالىبانلار بۇنىڭغا يول قويمىغان.

خىتاينىڭ ئافغانىستان ئارمىيەسىگە بازا قۇرۇپ بېرىش پىلانى دائىش قوراللىقلىرىنىڭ ئافغانىستانغا توپلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەپ غېنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر مەسلىھەتچىسى ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «دائېشقا باغلىق بەزى كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ قۇندۇز ۋە بەدەخشانغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىغا دەلىللەر بار،» دېگەن.

«فەرغانە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ بەدەخشانغا ھەربىي بازا قۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دەۋلەت ۋەزىرى، خىتاينىڭ «ھەربىي بازىغا كېرەكلىك بارلىق ماتېرىيال، تېخنىكىلىق لاۋازىمەت، قورال-ياراق، ھەربىي كىيىم-كېچەك ۋە ئەسلىھەلەرنى شۇنداقلا بازىنى ماڭدۇرۇشقا كېرەكلىك پۈتۈن نەرسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت