خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-25
Share

بۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە چىققان خەۋەرلەر ئاساسسىز،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيەدىكى «فەرغانە» ئۇچۇر ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خەۋەر «دىپلومات» قاتارلىق باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينىڭ بۇنداق بىر پىلانىنىڭ يوقلىغىنى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇلتۇر مارتتا ئامېرىكىدىكى «ئارمىيە ۋاقتى» قاتارلىق بىر قىسىم ھەربىي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستان ھەربىي كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋاخان كارىدورىدا «تېررورلۇققا قارشى چارلاش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ خىتاي تەرەپ بۇ خەۋەرنى «يالغان» دېگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتنىڭ خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا پاكىستان بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى سۆزلىشىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت