خىتاي ئافغانىستان زېمىنىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-02-23
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندىكى چارلاش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى سوئاللارنى جاۋابسىز قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا - كاۋكازىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىدا ئافغان قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 11- ئايدىمۇ بىر ھىندىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى ئوخشاش ۋەقەنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رېن گوچياڭ بۇنى ئىنكار قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ پەقەت چېگرادا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، بىخەتەرلىكنى ساقلاش ھەرىكىتى ئەپ بارغانلىقىنى ، ئۇنىڭ، ئىككى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوراللىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئافغانىستان زېمىنىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ئىلگىرىكى قېتىملاردىمۇ رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت