خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-06
Share

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدىكى 50 مىل دائىرىدە ھەربىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

«ئارمىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئافغان كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى خىتاي بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋاخان كارىدورىدا «تېررورلۇققا قارشى چارلاش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋەزىيىتى تىنچسىز بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئېلىشنى پىلانلىماقتىكەن.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق بىر ھەربىي ئەمەلدارى «خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىبىر ھەربىي مەشغۇلاتلار بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن. ئەمما ئۇ، بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستانغا كىرگەن خىتاي قىسىملىرى ئاساسلىقى ۋاخان كارىدورىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە ناتو ئارمىيەسىنىڭ بازىلىرىدىن خېلى ئۇزاق ئارىلىقنى ساقلاپ تۇرماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاشىنگتون، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تېخىچە ئېنىق بىر ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ 130 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسى ئافغانىستانغا كىرگەن بولۇپ، ھازىر ناتو قىسىملىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئۇلاردىن ئەڭ ئاخىرقى 15 مىڭ ئەسكەر ئافغانىستاندىكى بازىلارنى ساقلاپ تۇرماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت