ئافغانىستان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئوتىنىڭ خىتاي تېرىتورىيەسىگىچە تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-27
Share

ئافغانىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى ھادى مۇسلىميار ئۆتكەن شەنبە كۈنى رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئوتىنىڭ تاكى خىتاي تېرىتورىيەسىگە قەدەر تۇتۇشۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيە تاسېس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇسلىميار نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش پىلانىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دۆلىتىگە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئوت يالقۇنى ھەتتا خىتاي تېرىتورىيەسى ئىچىگە قەدەر كېڭىيىشى مۇمكىن.»

ھادى مۇسلىميار سۆزىدە يەنە ئافغانىستاننىڭ تىنچ ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىماي تۇرۇپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېقىندا ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى بىر سىن خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىدىكى ھەربىي سەزگۈرلۈكى ھەسسىلەپ ئاشقان.

رۇسىيە سىياسىي ئانالىزچىلىرى «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ خىتايغا ھۇجۇم قوزغاش ھەققىدىكى داۋرىڭىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈشىگە قارىتا قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاس بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت