ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي بىلەن «تېررورلۇققا» قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن


2015.05.15

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئولومى نۇرۇل ھەق خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ، خىتاي ج خ مىنىستىرى گۇ شېڭكۇن قاتارلىقلار بىلەن تېررورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەمكارلىق ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنى، خىتاي ئورگانلىرىنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

گو شېڭكۈننىڭ چارشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاخباراتى ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ بىر بىرىدە تۇرۇشلۇق ئورگان ۋە خادىملىرىنى قوغداش تەدبىر ئالىدىكەن.

گو شېڭكۈن يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش، چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئولومى نورۇل ھەقنىڭ ئافغانىستان خىتاي بىلەن بىرلىشىپ تېررورلۇققا، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق كونكرېت قانداق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

لېكىن، خىتاينىڭ ئافغانىستان بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىسى-شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىدۇر.

ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2014 يىلى 12 نەپەر ئۇيغۇرنى مەزكۇر ئورگانغا باغلاپ قولغا ئالغان ۋە شۇ يىل يىلى 9‏-ئايدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.