كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى: خىتاينىڭ قىيناش ئەسۋابلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا
2014.09.23
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئادەم قىيناش ئەسۋابلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا مەخسۇس قىيناق ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى قىلىدىغان شىركەتلەر سانى ئون يىل ئىچىدە كۆپىيىپ، 130 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ شىركەتلەر ئىچىدىكى پەقەت بىرىلا 2012-يىلى ئىچىدە 40 تىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىگە بارماق قىسقۇچ، توك ئورۇندۇق، توك كالتەك قاتارلىق قىيناق ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلغان. بۇ ئەسۋابلار دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىدە كەڭ قوللىنىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ دوكلاتىنى ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولغان ئومېگا تەتقىقات فوندى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ ئېلان قىلغان. بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئىشەنچلىك ئورگان ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ داۋاملىق خىتايغا قارشى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رويتىرس بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى ئىكەنلىكىنى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىشنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىمۇ ھېلىھەم يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.