«شىنجاڭ ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيە مەركىزى» ئىش باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.12.16

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، «شىنجاڭ ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيە مەركىزى» قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ، 14-دېكابىر رەسمىي ئىش باشلىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەربىيە مەركىزى كۆرگەزمە زالى 3700 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىق قىلىنىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، بىر تەرەپتىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇماسلىق، تارىخىي بۇرچىنى ئۇنتۇماسلىق، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ئاددىي-ساددا بولۇش، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، ئىنتىزامغا قەتئىي رىئايە قىلىش ھەققىدە ھەر ۋاقىت سىگنال بېرىلىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان بۇ «ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيە مەركىزى» شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەسىلە چىقىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ پارتىيەدىكى ھاكىممۇتلەق ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ سولچىللىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئالدىنقى يىللاردا رادىيومىز دەلىللىگەن خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاشپولات تىيىپ، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى» ھەققىدە «ئاگاھلاندۇرۇش تەلىم-تەربىيە فىلىمى» ئىشلەپ، ئاممىغا كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارا بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.