72 يىللىق سۈرگۈنلۈك تارىخىدىن كېيىن ئاھىستا تۈركلىرى تۈركىيەگە يەرلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.11.20

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، يېقىندا ئۇكرائىنادىن يولغا چىققان 99 ئائىلىدىكى 529 نەپەر ئاھىستا تۈركلىرى تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن.

بۇ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسىي ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە چېچىۋېتىلگەن ئاھىستا تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 4-تۈركۈمى ئىكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇررەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستەر بىنالى يىلدىرىم 70 نەچچە يىللىق سەرسانلىق قىسمىتىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن ئاھىستا تۈركلىرىنى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە ئالاھىدە يوليورۇق بەرگەن. ئالدىنقى ئۈچ تۈركۈمدە ئاھىستا تۈركلىرىدىن 1206 كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ يەرلەشتۈرۈلگەن.

بۇ قېتىم تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئاھىستا تۈركلىرى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 70 نەچچە يىللىق سەرسانلىقتىن كېيىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىگە ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن چەكسىز خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، ئاھىستا تۈركلىرى 1944-يىلى نويابىردا ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاھىستا رايونىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈرۈپ بېرىلىپ چېچىۋېتىلگەن. ئۇلار 70 نەچچە يىلدىن بۇيان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىق جايلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان. ستالىن ئەينى ۋاقىتتا ئاھىستا تۈركلىرىنى خۇددى كافكازىيەدىكى چېچىن، ئىنگۇش، قاراچاي ۋە قىرىمدىكى تاتارلارغا ئوخشاش "ئۇرۇش مەزگىلىدە گېرمانلار بىلەن ھەمكارلاشقان" دېگەن باھانە بىلەن پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە سۈرگۈن قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.