ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تىجارەت قىلىۋاتقان «Airbnb» نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا سوئال قويدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-01-07
Share

ساياھەتچىلىك ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئىجارە ئېلىش-بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «Airbnb» شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق رايونلاردا ئىجارىگە بېرىدىغان ئون نەچچە ئۆي-مۈلكى بارلىقى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغانىدى.

مەزكۇر ۋەقە ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس ماكگوۋرن ئەپەندى 7-يانۋار كۈنى «Airbnb» غا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار «Airbnb» شىركىتىنىڭ باشلىقى برايېن چېسكىيغا قارىتىپ يازغان مەكتۇپىدا ئۇلارنىڭ ھەم ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىدە بولغان بىڭتۇەندىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ھەم شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى بولۇشىغا سوئال قويغان.

ئۇلار مەكتۇپىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتلىكىنى، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە باشقا زۇلۇملارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلىقىنى، «Airbnb» شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-قانۇنلار بويىچە تىجارەت پائالىيەتلىرىنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى مەكتۇپىدا «Airbnb» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى، قىلمىغان بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن مەسلىھەت سورىغان-سورىمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ ئۇلاردىن جاۋاب تەلەپ قىلغان.

ئىلگىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ ئىلگىرى بۇ ھەقتە «Airbnb» غا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى بىڭتۇەندىكى ئىجارە ئۆيلەرنى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت