ماركو رۇبىئو ئ‍ۆي-مۈلك ئ‍ىجارە زەنجىرى Airbnb نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجارە ئ‍ۆيلىرىنى تىزىملىكتىن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-08
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن ماركۇ رۇبىئو 7-دېكابىر ئامېرىكا ئۆي-مۈلك ئ‍ىجارە بېرىش زەنجىرى Airbnb غا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئ‍جارە ئۆيلىرىنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ماركۇ رۇبىئو Airbnb نىڭ ئ‍ىجرائىيە دىرېكتورى برايىن چېسكىغا يازغان خېتىدە Airbnb نى بىڭتۇەندەك قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يانتاياق بولۇۋاتقان بىر ئورۇننىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ، ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

يېقىندا ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوس» تورى Airbnb نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى»، يەنى «بىڭتۇەن» گە قاراشلىق رايونلاردا ئىجارە بېرىلىدىغان ئون نەچچە ئۆي-مۈلكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. ماركۇ رۇبىئونىڭ برايىن چېسكىغا ئەۋەتكەن خېتى «ئوكسىئوس» نىڭ خەۋىرىدىن كېيىن يېزىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك بىڭتۇەنگە ئېمبارگو قويغانىدى.

ماركۇ رۇبىئو برايىن چېسكىغا يازغان خېتىدە، Airbnb نىڭ «بۇ تىزىملىكنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يانتاياق بولۇۋاتقان بىر ئورگاننىڭ ھەرىكىتىنى قولايلاشتۇرۇشقا شېرىك بولغانلىقى»، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «بۇنداق سودىنى چەكلەشكە ئائىت ئېمبارگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپى پەيدا قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، Airbnb بۇ ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شىنجاڭدەك بىر رايونغا ساياھەت قىلىشنى قوللىغان ھەم رىغبەتلەندۈرگەن».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت