بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 130 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
2015.09.06
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، بۇ يىل 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ، شىنجاڭ ئۇچۇر تورى قاتارلىق ھەر قايسى خەۋەر مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ دائىرىلىرى بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولغانلىقى، يەنى 81.41% كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،2015 - يىلى، تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە 71 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدە 59 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە جەمىي 160 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئىكەن.
لېكىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن يۇقىرى بولغانلىقىنى تۇشمۇ - تۇشتىن خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەرلەردە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي نىسبىتى، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق،ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت سۈپىتدە ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبەت پەرقى ھەققىدە رەقەم كۆرۈلمىدى.