«ئالى بابا» گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرىدىغان يۇمشاق دېتالنى بازارغا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.12.17

خىتاينىڭ «ئالى-بابا» گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي-شەكلىنى پەرقلەندۈرىدىغان يۇمشاق دېتالنى بازارغا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكادىكى كۆزىتىش-نازارەت سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» شېركىتىنىڭ 17-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە، «ئالى بابا» گورۇھى خىتايدىكى تور بېـتىدە بازارغا سالغان بۇ يۇمشاق دېتال ئادەتتە تور بەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن. جۈملىدىن، ئەگەر مەلۇم بىر تور بەتتە بۇ دېتال ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ تور بەتكە يوللانغان سۈرەت ۋە ۋىدېيولاردىكى چىرايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىتلىقىنى بەلگىلەپ چىقالايدىكەن ۋە دەرھال سېگنال يوللايدىكەن.

يۇقىرىقى ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇنى «ئالى بابا» نىڭ بۇلۇت قالقىنى مۇلازىمىتىدە بايقىغان بولۇپ، ئالى بابانىڭ خىتايدىكى تور بېـتى بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تېپىشنى نىشان قىلىدىغان بۇ «ئىقتىدار» نى ئوچۇق-ئاشكارا بازارغا سالغان ۋە قەدەممۇ-قەدەم ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن.

IPVM مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى ئابونتلار مەيلى تېلېفون ئارقىلىق تارتقان كۆرۈنۈشلەر بولسۇن ياكى كۆزىتىش كامېرالىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بولسۇن، ناھايىتى ئاسانلا بۇ كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى ئالى بابا تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتىرگە ئەۋەتەلەيدۇ. نەتىجىدە ئەگەر ئالى بابا بۇ كۆرۈنۈشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلانسا، ئۇ كىشىگە بەلگە سېلىپ قويىدۇ.»

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر بۈگۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى قاتارلىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. تېخى يېقىندا خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ چىراي سكاننېرلاش كامېرا سىستېمىسى ئارقىلىق ساقچىغا «ئۇيغۇرلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئەۋەتەلەيدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

يۇقىرىقى بۇ پاكىتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ تولۇق نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادا بۇ شېركەتلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش ھەققىدە يەنىمۇ زور بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالى بابا شېركىتى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دەرھال تور بېتىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.