ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقان خىتاينىڭ ئافرىقادا مەسچىت سېلىشى ئەخلاقىي مەسىلىگە تاقاشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.30

ئۇيغۇر رايونىدا قەدىمىي مەسچىتلەرنى كەڭ كۆلەملىك چېقىۋاتقان خىتاينىڭ شىمالىي ئافرىقادىكى ئالجىرىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرىنى سېلىشى ئەخلاقىي مەسىلىگە بېرىپ تاقاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىر شەھىرىدە سېلىنىۋاتقان «جامائەل جازايىر» ناملىق مەزكۇر مەسچىتنىڭ كۆلىمى 400 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇنارىسىنىڭ ئېگىزلىكى 265 مېتىر كېلىدىكەن. «كۇۋارتز ئافرىقا» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلۇش لاھىيەلەش شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەن. مەزكۇر شىركەت مەسچىت قۇرۇلۇشىنى 2011‏-يىلى ھۆددىگە ئالغان ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ مەسچىت ئاساسەن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ تولۇق ئېچىلسا بىرلا ۋاقىتتا 120 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىكەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چەتكە قېقىش، تۇتقۇن قىلىش، تەقىبلەش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتايغا ھۆددىگە بېرىلىشىنىڭ ئەخلاقىي مەسىلە ياراتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇرغۇن مەسچىتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلىغانلىقى مەلۇم بولغان. يېقىندا چەتئەلدىكى بەزى پائالىيەتچىلەر كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق تارىخىي مەسچىت-ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى بايقىغان. مەزكۇر جامە 1999‏-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى» دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇرىزىم» ناملىق تورنىڭ ئېلان قىلغان تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەسچىتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە چېقىپ تاشلانغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئىسلامنى چەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دۆلەتلىرىدە مەسچىت سېلىشتەك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىكەن. «كۋارتېز ئافرىقا» تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئالجىرىيەدىكى مەسچىت پۈتۈپ چىقسا، يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا 7 مىڭ ئاپتوموبىل سىغىدىغان بۇ مەسچىتنىڭ كۆلەم جەھەتتە دۇنيادىكى 3 چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.