ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرى خىتايدىن جىددىي رەۋىشتە چېكىنىپ چىقماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.03

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئ‍ىختىلاپنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئالما شىركىتىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرى تېز سۈرئەتتە خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشكە باشلىغان. «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاي تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى، كۆزەتكۈچىلەر پەرەز قىلغاندىنمۇ تېز بولماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ئالما شىركىتى ئۈچۈن تىڭشىغۇچ ئىشلەپچىرىش كارخانىسى بولغان گېئېر (GoerTek) شىركىتى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان شۇ خىل خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

«بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى كازويۇشى يوشىناگا، ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستانغا كېڭىيىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، دەسلەپكى قەدەمدە ۋېيتنامغا ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇشقا 280 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە دۇنيادىكى داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچىيىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە، مەھسۇلات تەمىنلىگۈچىلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ گېئېر شىركىتىگە ئ‍وخشاش تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۆتكەش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋېيتنام ۋە ھىندىستان بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆچۈش نىشانى بولماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشىدىن باشلانغان ئ‍ىختىلاپنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزەك ۋە سەرمايە ساھەلىرىدىكى چەكلىمىلەرگە كېڭىشى، ئېلېكترون سانائىتىنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتا ئويلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم 10 تەمىنلىگۈچىسىنىڭ توققۇزى ھىندىستانغا ئ‍وخشاش دۆلەتلەرگە كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن، لېكىن «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پەقەت 10 پىرسەنتىنى خىتاينىڭ سىرتىغا يۆتكەش ئۈچۈنلا 8 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.