ئالما شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىن كىيىم ئىمپورت قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.10

ئالما شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلەتكەن خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ماللىرىنى چەكلىگىنىگە قارىماي، ئۇيغۇر رايونىدىن خىزمەت كىيىمى ئىمپورت قىلغان.

بۇ ئىش، ئالما شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تىم كوك بىر ھەپتە بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېيتقان «مەن شىركەتلەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى زامانىۋى قۇللۇقنى ئەيىبلەيمەن» دېگەن سۆزىدىن بىر ھەپتە كېيىن يۈز بەرگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (ASPI) بۇ يىل 3-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق دۇنيانى مال بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا خوڭ كوڭ يىدا (Esquel) كىيىم-كېچەك گۇرۇھىغا تەۋە سانجى توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ۋە باشقا 10 خىتاي كارخانىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇل ئىشچى مەسىلىسىگە چېتىشلىقى بولغاچقا چەكلىگەنىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ مەزكۇر شىركەتتىن كىيىم ئىمپورت قىلىشى پوچتا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق مەلۇم بولغان. خوڭ كوڭ يىدا كىيىم-كېچەك گۇرۇھى ئۆز تورىدا ئالما شىركىتىنى «ئاساسلىق خېرىدار» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىك تېخى يېقىنغىچە ئۆزگەرمىگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچىسى: «يىدا گۇرۇھى ئالما شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە مال تەمىنلىگۈچىسى ئەمەس. مال تەمىنلىگۈچى شىركىتىمىز ئىشلەتكەن پاختا ئۇلارنىڭ گۇاڭجۇ ۋە ۋىيېتنامدىكى زاۋۇتلىرىدىن كەلگەن» دېگەن. بىراق بۇ زاۋۇتلاردىكى پاختىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. گۇاڭجۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەردىن پاختا چىقمايدۇ. يىدا گۇرۇھىنىڭ ئاشكارا ماتېرىياللىرىدىمۇ ئۇنىڭ ۋىيېتنامدا پاختىزارلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.