«ئالما» شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-29
Share

ئامېرىكانىڭ «ئاكسىيۇس» (Axios) خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى «ئالما» شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئالما شىركىتى لوبىچىلىق ئۈچۈن باشقا بىر شىركەتكە پۇل تۆلىگەن بولۇپ، خەۋەردە «ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قانۇننى قوللاپ لوبىچىلىق قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس»، دېيىلگەن.

ھالبۇكى، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زاۋۇتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىشەنچلىك دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان دوكلاتىدا، ئالما شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمۇ خىتاينىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە «ئالما» ۋە «لېنىۋو» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەمما ئالما شىركىتى 7-ئايدىكى بىر ئىنكاسىدا ئۆزلىرىنىڭ نەنچاڭدىكى «ئو-فىلىم تېخنىكىسى» شېركىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت تاپالمىغانلىقىنى» ئېيتقان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا. نۆۋەتتە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت تونۇشتۇرۇلغان ئىككى قانۇن لايىھىسى بار بولۇپ، بۇلار ماقۇللانغان تەقدىردە خىتايدىن مال تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شېركەتلىرىگە مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە يەنىمۇ ئېغىر تەلەپلەر قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ ئامازون، ئالما، فېيسبۇك ۋە گۇگۇل قاتارلىق 4 چوڭ گىگانت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى(CEO) 29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەقسىز رىقابەت، ئۇچۇرنى قامال قىلىش، قوللانغۇچى ئۇچۇرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرى بويىچە گۇۋاھلىق بەرگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سوئاللارغىمۇ دۇچ كەلگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك شۇ يىغىندا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەرگىز قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ-قوللانمىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.