«ئالما» شىركىتى داۋاملىق خىتايدىن چېكىنمەكتە
2023.02.16
«ئالما» شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ توختام خېرىدارى بولغان «فوكسكان» (Foxconn) گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ ۋىېيتنامدا يېڭى زاۋۇت ئاچقانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندا خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى شۇ جايغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«فوكس خەۋەرلىرى»نىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فوكسكان شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئېلان قىلغان خىتايغا قارشى ئىمبارگو چارىلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ۋيېتنامغا يۆتكەش قارارىنى ئالغان. بۇ ئىمبارگو چارىلىرىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ۋە خاتىرە مودېللىرى مۇھىم مەزمۇن بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى زور تەسىرگە دۇچ كەلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ئىجارە ئالغان زاۋۇت ئورنى خانوي شەھرىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، ئىجارە توختامى 2057-يىلىغىچە كۈچكە ئىگە، دېيىلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى زاۋۇت ئورنى ئۈچۈن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىمبارگو چارىلىرىدىن باشقا خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش چارىلىرىمۇ مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئالما» شىركىتى لايىھىلەپ چىققان «ئالما» يانفونلىرىنىڭ 70 پىرسەنتىنى فوكىسكان شىركىتى ياسايدىغان بولۇپ، «ئالما» شىركىتىنىڭ باشقا بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلىنىپ كەلمەكتە.









