ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامازون شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بېزوسقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ داخۇا شىركىتى بىلەن قىلغان سودىسىنى سۈرۈشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.10

10-فېۋرال، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن روبېرت مېندېنىز، ماركو روبىيو قاتارلىقلارنىڭ ئامازون شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بېزوسقا يازغان خېتىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىدىكى كارخانىلار ئىچىدە خىتاينىڭ داخۇا شىركىتىمۇ بار. ئامازان شىركىتى بۇ شىركەت بىلەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان توختاملارنى تۈزگەن. ھالبۇكى داخۇا شىركىتى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى تونۇيدىغان يۇمشاق دېتالنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەپ بەرگەن شىركەت.»

بۇ خەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ دائىرىلىك نازارەت سىستېمىسى قۇرغانلىقى، ئۇيغۇر باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولاپ قىيناۋاتقانلىقى ۋە يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەقىللىق شەھەر مەركىزى» قۇرۇپ پۇقرالارنى نازارەت قىلىشنى باشلىغانلىقى، داخۇا شىركىتىنىڭ بۇنىڭغا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تونۇيدىغان «ئەقىللىق كۆز» كودىنى تەمىنلەپ، «ئۇيغۇر سىياقىدىكى تېررورىست» لارنى تونۇپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەتتە يەنە «ئامازون شىركىتى ئۆتكەن يىلى داخۇا شىركىتى بىلەن 10 مىليون دوللارلىق سودا قىلىپ، ئۇنىڭدىن 1500 كامېرا سېتىۋالغان. ئەگەر بۇنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا ئامازون شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەستەن ئېتىبارغا ئالمىغان بولىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە ئامازون شىركىتىنىڭ بۇ سودىنى قىلىشتىن ئاۋۋال داخۇا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگەن شىركەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقى، بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشتا نېمىلەرنى ئويلاشقانلىقى، داخۇا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا چېتىشلىق شىركەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاچان بىلگەنلىكى، بىلىپ تۇرۇپ سودا قىلغانلىقى ياكى بىلمەي تۇرۇپ سودا قىلغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆلچەم-پرىنسىپ قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق سودىلارنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.