ئامېرىكا تەيۋەننىڭ پرېزىدېنت كاندىداتىنى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا تەيۋەننىڭ بىر نەپەر پرېزىدېنت كاندىداتىنى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە كۈتۈۋالدى. تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىشى 2016 - يىللىق تەيۋەن پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا «تەيۋەن دېموكراتىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» دىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن سەي يىڭۋېن خانىم ئىكەن.

«تەيۋەن دېموكراتىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بولسا «تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيەسى» گە ئوخشىمايدىغان ھالدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان پارتىيەدۇر.

تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقىلىغۇچى پارتىيە كاندىداتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە زىيارەتتە بولۇشى دىققەتنى چەكتى.

مەلۇم بولۇشىچە، سەي يىڭۋېن خانىم مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان دۆلەت ئىشلار بايانچىسى مارىيې ھارفنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى ئىككىيلەن ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى كۆرسەتمەيدىكەن.

خىتاي تەرەپ «تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ مۇستەقىللىق تەرغىباتىنى ئەزەلدىن ياقتۇرماي كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت