ئامېرىكا: خىتاينىڭ ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-01
Share

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن خىتاينىڭ قولىدىكى ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، منۇچىن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەزىنە چېكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە «دۇنيادىكى ئەڭ ساغلام» خەزىنە چېكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بازىرىنىڭ «ئىنتايىن كۈچلۈك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۇنيادىكى ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا بىر تىرىليون 180 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا خەزىنە چېكى بار. ئۇ يېقىندا، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى باشلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ قولىدىكى خەزىنە چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەي بۇ يىل ‏-3ئايدا ئامېرىكا بلۇمبېرگ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سودا ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا، ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىز ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى قاراپ چىقىمىز» دېگەن ئىدى. لېكىن س ن ن نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا تەۋەككۈل قىلىشى مۇقەررەر ئەمەسكەن. خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئەگەر خىتاي بۇ يولنى تاللىسا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇ خالىمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى تۆكمە قىلىپ ساتسا ئۇنىڭ قولىدىكى خەزىنە چېكىنىڭ قىممىتى چۈشىدىكەن شۇنداقلا بۇ خەلق پۇلىنىڭ دوللار ئالدىدىكى قىممىتىنى تەۋرىتىۋېتىدىكەن. 

منۇچىن باشچىلىقىدىكى بىر ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي بىلەن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. منۇچىن يۇقىرى سۆزلەرنى سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى يولغا چىقىش ئالدىدا تەكىتلىگەن. منۇچىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىكى قىزىل رەقەم ۋە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت