ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.07.27

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىكنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلايدىغانلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان خانىمنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خىتاي زىيارىتىدە يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىن ئەپەندى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە رەسمىي خىزمەت زىيارىتىنى باشلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېنېرال لويد ئاستىن ھازىرغىچە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئەۋەتكەن تۇنجى كابىنېت ئەزاسى ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن، جۈملىدىن ۋىيېتنام، سىنگاپور ۋە فىلىپپىن قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا دائىر ئىقتىسادىي، سودا ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقان ئىكەن. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان خانىمنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىغا ئۈلگۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ زىيارەت ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گېنېرال ئاستىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ قېتىم بىز ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مەسىلىسىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بولماقچىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدىكى زومىگەرلىكى ۋە تەھدىتلىك ھەرىكەتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بۇ جايغا زىيارەتكە كېلىشى ھەمدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغانلىقى بۇ رايوندىكى ھەممىلا دۆلەتنى خۇشال قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن ھىندىستانغا خىزمەت زىيارىتىگە كەلگەن. ھىندىستان بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى يەنە بىر زور ئىتتىپاقدىشى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.