ئامېرىكا بۇ يىل مارتتا ۋىيېتنامغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.25

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل مارت ئېيىدا ۋىيېتنامغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتمەكچى ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا-ۋىيېتنام ھەر ئىككىلا تەرەپ بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن بىر ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسنىڭ ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان. ھەر ئىككى تەرەپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىي كېڭەيمىچىلىكىگە قاراتقان ئىكەن.

ۋىيېتنام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ ۋىيېتنامدىكى مەركىزى پورت بولغان داناڭ پورتىغا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ ۋىيېتنامغا كېلىشى خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مۇشتۇمزورلۇقىدىن نارازى بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى مەمنۇن قىلىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق 4 دۆلەت ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورناتقاندىن سىرت، ئۇلار يەنە ۋىيېتنام بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ داناڭ پورتىغا قىلىدىغان زىيارىتى بىر قانچە ئايلىق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ خىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل-دەل خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيچىلىك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.