ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم تېما-خىتاي ۋە رايون بىخەتەرلىكى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مالكولم تېرنبول ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم كۈن تەرتىپلەر خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىر كۈچى ۋە «تىنچ ئوكيان ئىقتىساد كېلىشىمى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ترامپ بىلەن تېرنبول مۇشۇ شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىدىكەن. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ ناھايىتى زور ھەيئەت بىلەن ئامېرىكىغا بارىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئەلۋەتتە خىتاي ۋە رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە سىياسىي ساھەسىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەسىر كۆرسىتىشى ۋە شۇنداقلا ئاۋسترالىيەدىكى پىكىر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى دىققەت قوزغاپ، ئاۋسترالىيەدە كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تېرنبول ئۆتكەن دېكابىردا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بەزى يېڭى قانۇنلارنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ھاررىي ھاررىسنى ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ئاۋسترالىيەلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنى ئەينى ۋاقىتتا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ۋە خىتاينى يالغۇز قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان «تىنچ ئوكيان ئىقتىساد كېلىشىمى» گە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت