ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدا مانېۋىر قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئىككى دانە يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى جۈمە كۈنى كورېيە يېرىم ئارىلىغا ئۇچۇپ كېلىپ، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرلىكتە بومباردىمان قىلىش مەشىقى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ مەشىق شىمالىي كورېيە يېقىندا ئېلىپ بارغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكنى بىلدۈردى. شىمالىي كورېيە 4-ئىيۇل بىر قىتئەلەر-ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال تەررېنسې شاۋنېسسي باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىمالىي كېرىيەنىڭ قىلمىشى بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز ۋە ئانا ۋەتىنىمىزگە تەھدىتتۇر. شۇنى ئوچۇق ئېيتايكى: ئەگەر بىزگە ھەرىكەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقى كەلسە، بىز مەشىقلەندۇق، قوراللاندۇق ھەمدە ئىتتىپاقداش ھاۋا ئارمىيىلىرىمىز تولۇق ئەجەللىك ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ھازىرلاندۇق.»

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئىككى دانە ب-1ب تىپلىق لانسېر ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى گۇئام ئارىلىغا جايلاشقان ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پەيشەنبە كۈنى كورېيە يېرىم ئارىلىغا يولغا سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئايروپىلانلار جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ف-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ف-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرلىكتە بومباردىمان قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. كېيىن، بومباردىمانچى ئايروپىلانلار شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرگە ئۇچۇپ كۈچ كۆرسەتكەن ھەمدە جەمئىي 10 سائەتلىك مانېۋىرنى تاماملاپ گۇئامغا قايتقان. پەيشەنبە كۈنى ئىككى دانە ب-1ب تىپلىق لانسېر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ياساپ چىققان سۈنئىي ئاراللارنىڭ ئۇستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

جۈمە كۈنى رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئۆز ئايروپىلانلىرىنى خىتاي ياسىغان سۈنئىي ئاراللار ئۇستىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىكەن. بۇ خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي يېقىنى يىللاردىن بېرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ بەزى جايلىرىغا سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.