ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى خىتايچە ئېلان قىلغان
2024.09.04
ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى باياناتىنى 3-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تورىدا خىتايچە ئېلان قىلغان. بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىنى خىتايدىكى مىليونلىغان تور كېزەرلەر خىتايدا تۇرۇپ كۆرەلەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. 3-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى بۇ باياناتنىڭ خىتايچىسىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەتىۋ مىللېر (Matter Miller) ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2022-يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى كۆپ يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ‹شىنجاڭدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىپ كەلمەكتە› دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى. ئەمما بۇ خۇلاسە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئوتتۇرىغا قويغان خالىغانچە تۇتۇلغانلارنى قويۇپ بېرىش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سېلىش، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنى توختىتىش، ئىنسانلارنى قىيناش، جىنسىي جەھەتتە خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىشى ئامېرىكانى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى».
باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغان، «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىغان بۇ جىنايەتتىن خىتاينىڭ قول ئۈزۈشى كېرەكلىكى، بۇنداق قەبىھ زوراۋانلىقنى ئەمدى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن؛ ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىككە كېلىپ، خىتاينىڭ قەبىھ باستۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى، بۇ ئىشتا جىنايى جاۋابكارلىقى بار شەخسلەر ۋە شىركەتلەردىن ھېساب ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئامېرىكانى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەق ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە داغ تەگكۈزدى، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكانىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش غەرىزى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەتىۋ مىللېر بۇ بايانات ھەققىدە X تا ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، خىتاينى قوللايدىغان ئىنكاسچىلار ئۇنىڭغا تۇشمۇتۇشتىن ھۇجۇم قىلغان. بەزىلىرى ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەس، غەززەدىكى پەلەستىن خەلقى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقان.