ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان دىنىي بېسىمنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلگىرىلەپ ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى باشلىقى كاترىنا لەنتۇس خانىم باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل دىنىي بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنىڭ رايوندا مۇقىملىق ياكى خەۋپسىزلىك ئەمەس، ئەكسىچە مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىپ، رامىزاننىڭ باشلىنىشى بىلەن بارلىق چەكلىمىلەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

باياناتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپلەر» نى تاقاش نامى ئاستىدا خوتەندە 60 كىشىنى قولغا ئېلىپ، 17 بالىنى يارىلاندۇرغانلىقى، بىر بالىنىڭ ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا ئۆلگەنلىكى، قەشقەردە بىر كىشىنىڭ دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە يېقىندىكى لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت