ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك كەمسىتىلىۋاتقنالىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2017‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت، ئالىي مەكتەپكە كىرىش، قەرز پۇل ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىلىدۇ، دەپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقى، ئېتنىك ئاساستىدىكى چەكلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساھايەت قىلىشى، پاسپورت ئېلىشىغا توسقۇنلقى قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا تەقىب قىلىش ۋە قوراللىق ساقچىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، يېڭى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىپ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىبادەت چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، «ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

دوكلاتتا يەنە «ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونلىرىدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرماقتا. خىتاي نۇپۇسىنىڭ مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئېقىپ كىرىشى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىدى،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ستون بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. لاۋرا ستون 2 كۈن ئاۋۋال بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقئا سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدس كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون سوللىۋان جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلانرىڭ ۋەزىيىتىنى يەنە تىلغا ئالدى. ئۇ، «بىز بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە بۇددىست تىبەتلەرنىڭ دىنىي، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدىن شۇنداقلا خرىستيانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە چەكلىمە قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت