ئامېرىكانىڭ دۆلەت بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.04

4-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بايرىمى بولۇپ، بۇ يىلقى بايراممۇ ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش زور داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەندى. ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچى ۋاشىنگتون شەھىرىگە توپلىنىپ، بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ كۆلەملىك پۇقراۋى پارات ۋە ئېتىلداق تاماشاسىغا ئىشتىراك قىلدى.

«4-ئىيۇل» كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 241 يىل ئىلگىرى، يەنى 1776-يىلى 4-ئىيۇلدا برىتانىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان كۈن بولۇپ، «مۇستەقىللىق كۈنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خاتىرە كۈن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېتىلداق تاماشاسى، پارات، دالا كاۋىپى، بازار ۋە تۈرلۈك كونسېرت پائالىيەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

بۇ يىلقى بايرام مەزگىلىدە ئوخشاشلا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھال مەيلى ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولسۇن ياكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە بولسۇن ئوخشاش داۋام قىلدى. ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ، بايراملىق خۇشاللىقتىن بىرلىكتە بەھىرلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.