ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى نىشانلىرى تەخمىن قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.01.23

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى جەڭ قىلىشنى داۋام ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ياكى رۇسىيەگە ئوخشاش زور كۈچلەر بىلەن بولىدىغان توقۇنۇشقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز تېررورلۇق بىلەن جەڭ قىلىشنى داۋام قىلدۇرساقمۇ نۆۋەتتە زور كۈچلەر ئارىسىدىكى رىقابەت ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە» دېگەن. ئۇ بۇ توغرىلىق توختىلىپ ھازىر رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ توختىماستىن ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق ساراينىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«دۆلەت مەنپەئەتى» گېزىتىنىڭ تەھرىرلىرىدىن دېيۋ ماجۇمدار ئىمزاسىدا مەزكۇر گېزىتكە بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئاپتور جېيمىس ماتتىسنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، «بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ۋەيران قىلىش نىشان قىلىنىدۇ»، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرىنى بەربات قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قۇدرىتى يېتەرلىك ئىكەن.

«ۋال سىترېت گېزىتى» نىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس بۈگۈن ھىندونېزىيەگە زىيارەتكە كەلگەندە خىتاينىڭ «يالماپ يۇتۇش» شەكلىدىكى ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىچىك قوشنىلىرىنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر بىلەن دېڭىز رايونى مەسىلىلىرىدە زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.