بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا رامىزانلىق تىلەك يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى ھەر يىلقى رامىزان ئېيى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان رامىزان چەكلىمىسىگە مەنسۇپ بەلگىلىمىلەردە ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەش ھەققىدە بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ بولغانلىقى، جۈملىدىن رامىزان روزىسى تۇتۇشنىڭ ئۆزىلا «تەربىيەلەش مەركىزى»گە بېرىشقا يېتىپ ئاشقۇدەك سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رامىزانلىق چەكلىمىسى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدا رامىزان روزىسى ھەققىدە سۆز قىلىشقىمۇ ئىمكان بولمايۋاتقان ئەھۋالدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقلاردا رامىزانلىق تىلەك ئېلان قىلغان. باش ئەلچى برانستاد نامىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ تىلەكتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارغا قىزغىن سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بىزنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئېتىقادنى ھۆرمەتلەشتىن ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادى بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشتىن قانداق نەتىجىلەرگە ئېرشەلەيدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رامىزان مۇبارەك!» دەيدۇ.

د ئۇ ق مۇ ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدا دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي بېسىملار ھەققىدە سۆز قىلىپ، 16-ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان چەكلىمىلىرى» سەرلەۋھىلىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى رامىزاندىن چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا «بىر ئائىلە بولۇش» نامىدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىر ياكى بىرنەچچىدىن خىتاي كادىرنى يېتىپ-قوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى ئۆيلەرگىچە نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.