ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فىلىپپىننىڭ خىتايدىن مۇداپىئە كۆرۈشىگە مەبلەغ ۋەدە قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.30

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فىلىپپىننىڭ ھەربىي ۋە دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئاستىن بۇ توغرىسىدا مانىلا شەھرىدە تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بۇ يېڭىلىقنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئاستىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ مىقداردىكى ياردەم تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولۇپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە بايدىن ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنىڭ فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق نامايان قىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھال ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىپ خىتايغا دوست تارتقان سابىق پىرېزىدېنت رودرىگو دۇتېرتو (Rodrigo Duterte)نىڭ ئورنىغا چىققان فېردىناند ماركوس (Ferdinand Marcos)نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىشىش خاھىشى پەيدا قىلغان ئىجابىي ئىلگىرىلەش، دەپ قارالغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى 90 پىرسەنت تېررىتورىيەنى «بىزنىڭ تەۋەلىكىمىز» دەپ داۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ دېڭىز بويىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر، جۈملىدىن فىلىپپىن خىتاينىڭ دېڭىز ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتايدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشنى تاللىغان ھەمدە فىلىپپىن تەۋەسىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ 9 غا يېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. نۆۋەتتە بۇ بازىلاردىن ئۈچى فىلىپپىننىڭ شىمالىدا بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.