ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-02
Share

يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى جەنۇبى دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى، ئەمما ھازىر خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان ترىتون ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

ئامېرىكىنىڭ «فوكس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ «ستېزېم» («ئۇسس ستەتھەم») ناملىق ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قوراللانغان قوغلىغۇچى پاراخوت خىتاي بىلەن ۋىيېتنام ئارىسىدىكى تالاش تارتىشتىكى پاراسىل ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ترىتون ئارىلىغا 12 مىل يېقىن رايونغا كىرگەن. خىتاينىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى مەزكۇر ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان.

تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا مەزكۇر ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئەركىن دېڭىز سەپىرى پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ خىل پائالىيىتىنى كەلگۈسىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.بۇ، دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى تالاش تارتىش ئۈستىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئەركىن سەپەر قىلىشىدۇر. ئىلگىرىكى سەپەر خىتاي تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.